باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياۋروپا كۈنىنى تەبرىكلىدى

2016.05.30 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق بېريۇسسىلدىكى ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورگانلار 28-ماي ئېچىۋېتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم خاتىرە كۈن بولغان ياۋروپا كۈنىنى تەبرىكلىدى.

  شۇ كۈنى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جامائەتكە ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈرلۈك شەكىللەردە تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ھەمدە ئەدەبىيات سەنئەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورگىنىنى كۈچەيتىش، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئېچىۋېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەمدە نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر