باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»نى تارقاتتى

2016.03.18 17:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا 17-مارت زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»نىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تارقىتىش ھوقۇقى بېرىلدى. 16-مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ئالاقىدار قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى ھەمدە بۇ دوكلات تەستىقلاندى.

  دوكلات ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: بىرىنچى، 2015-يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچى، 13-بەش يىللىق پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلەر ۋە زور تەدبىرلەر؛ ئۈچىنچىسى، 2016-يىلىدىكى مۇھىم خىزمەتلەر.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2016-يىلى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 6.5 پىرسەنتتىن يەتتە پىرسەنتكىچە ئاشۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسىنى ئۈچ پىرسەنت ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ئورنىنى ئون مىليون ئادەمدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش، شەھەر-بازارلاردا ئەنگە ئالدۇرغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى 4.5 پىرسەنت ئىچىدە كونترول قىلىش، ئىمپورت-ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قەدىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش. ئىدارىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى 3.4 پىرسەنتتىن كۆپرەك چۈشۈرۈش، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ داۋاملىق قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر