باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن روسىيە تەخمىنەن 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى

2016.03.18 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 17-چېسلا مۇنداق دېدى: روسىيە سۈرىيەدىكى بەش ئايدىن ئارتۇق ھەربىي ھەرىكەتكە جەمئىي 33 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلدى.

  كرېمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ھەربىيلەرگە دۆلەت مېدالى تارقاتقان. ئۇ، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر كۈنى 60 قېتىمدىن 80 قېتىمغىچە بولغان ئۇچۇش قېتىم سانى تۆۋەنلەپ، ھەر كۈنى 20 قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە بولدى. ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئارتۇقچە بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، روسىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىمۇ روسىيە بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمىگە ئۇيغۇن، دەپ كۆرسىتىلدى.

  2015-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە ئارمىيەسى سۇرىيە چىگراسى ئىچىدىكى ئۇچىغا چىققان « شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى باشلىدى. پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى، 15-مارتتىن باشلاپ، رۇسىيەنىڭ ئاساسىي ئەسكىرىي كۈچىنى سۈرىيەدىن چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر