باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامبودژا: جۇڭگونىڭ مېكوڭ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىغا جىددىي سۇ تولۇقلىشىنى قارشى ئالىدۇ

2016.03.18 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كامبودژا دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى 16-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مېكوڭ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىغا جىددىي سۇ تولۇقلاپ، مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىق لەنساڭجياڭ-مېكوڭ دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگونىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ سۇ تولۇقلاش قارارى مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، دىيىلدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 15-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكوڭ ۋادىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى جىڭخوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تۆۋەن ئېقىنغا جىددىي سۇ تولۇقلايدۇ، بۇ لائوس، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ، تۆۋەن ئېقىندىكى قۇرغاقچىلىقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، لەنساڭجياڭ-مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى. يېقىنقى مەزگىلدە، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ، دەريا بويىدىكى دۆلەتلەر ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا خەۋپ يەتكۈزدى.

  كۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر