باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى يېپىلدى

2016.03.17 12:37   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى يېپىلدى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن 16-مارت چۈشتىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى؛ خەيرى-ساخاۋەت قانۇنى ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 43-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى.16-مارتتىكى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2943 ئادەم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 2859 ئادەم قاتناشتى، 84 ئادەم قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

  يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپە، مۇھىم تەدبىرلەر ھەم 2016-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قۇۋۋەتلىنىپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى ھەققىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتى قۇۋۋەتلىنىپ، بۇ پىلان پىروگراممىسىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپى»نىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13-بەش يىللىق مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ھەم مۇھىم تەدبىرلىرى ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، بۇ-پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، تېرىشىش ئارقىلىق، بۇنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  يىغىندا، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى ھەققىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلان لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى ھەققىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2016-يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، خەيرى-ساخاۋەت قانۇنى ماقۇللاندى، بۇ قانۇن بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇندىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ھەم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قۇۋۋەتلەندى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارار، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خۇاڭ رۈنچيۇنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى جەزملەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش-بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر مۇھىم نەتىجىسى بولدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھىرلىنىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …