باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۈركىيەگە چىقىپ داۋالىنىش ساياھىتى بار بولدى

2016.03.18 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 13- مارت چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەسئۇللىرى «رۇيدا» مېھمانسارىيىغا يىغىلىپ، تۈركىيە-ئامېرىكا «مېمورىئال» دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ «ئەفران» ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى تۈركىيەگە بېرىپ داۋالىنىش ساياھىتىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ ھازىر داۋالاش تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 4 - ئورۇندا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىمىزگە داۋالىنىش ساياھىتى ۋېزىسى بېرىشكە باشلىغان. دۇنيا بويىچە داڭلىق داۋالاش ئاپپاراتى بولغان ئامېرىكا «مېمورىئال» دوختۇرخانىسى تۈركىيەدە تەسىس قىلغان شۆبە دوختۇرخانىسى بۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ «ئەفران» ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭدا بۇ تۈرنى يولغا قويغان.

  شىنجاڭ «ئەفران» ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەلقەم ئەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، داۋالىنىش ساياھىتى ھازىر خەلقئارادىكى ئەڭ بازارلىق، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتى بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدا بۇ تۈرنى يولغا قويۇش شىنجاڭلىقلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ داۋالىنىشى جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدىكەن. بۈ تۈرگە قاتنىشىپ تۈركىيەگە ساياھەتكە چىققانلار تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا تۈركىيە-ئامېرىكا «مېمورىئال» دوختۇرخانىسى، تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بولغان «خوسپىتادېنت» دوختۇرخانىسى، ئىستامبۇلدىكى دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا، ياۋروپا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسى «ئېستېسېنسې» دە ھەقسىز تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارالايدىكەن.

  كۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر