باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېررىي رۇسىيەگە بېرىپ پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ

2016.03.17 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي 15-مارت: مەن كېلەر ھەپتە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۇرىيە مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەتلىشىمەن دېدى. كېررىي مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۇرىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشى، سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش قاتارلىقلار نۆۋەتتە سۇرىيە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۇرىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كوربىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېررىينىڭ موسكۋادىكى سەپىرىنىڭ ۋاقتى 22-مارتتىن كېيىن بولىدىكەن، سۆھبەتتە يەنە ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەن مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر