باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ جېيى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.03.17 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى 15-مارت: ئافغانىستاندا توقۇنۇش ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم يېتىم بولماقتا دېدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە زور كۈچ چىقىرىپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى ياخشىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ليۇ جېيى شۇ كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇشقا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، لېكىن ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلق تىنچلىقتىن بەھرىمەن بولۇشىدا ۋەزىپە ئېغىر مەنزىل يىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر