باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئۈچىنچى ۋە 4-يىغىنى ئېچىلدى

2016.03.16 14:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنى ئېچىلدى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنى 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى خەيرى ساخاۋەت قانۇن لايھەسىنىڭ تۈزىتىلمىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن لايھەنىڭ تۈزىتىلمىسىنى قاراپ چىقىپ، لايھەگە تەكلىپ بېرىشنى ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، چياۋ شياۋياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ خەيرى ساخاۋەت قانۇن لايھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىندا ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق خەيرى ساخاۋەت قانۇنى لايھەسىگە تەكلىپ بېرىشنى ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  10-مارت پۈتۈن بىر كۈن ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك بۇ دوكلاتقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر تەكلىپلەرگە ئاساسەن دوكلاتنىڭ 13 يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە ئۇنى دائىمىي كومىتېت خىزىمەت دوكلاتىنىڭ قارار لايھەسى قىلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارار لايھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  13-مارت چۈشتىن كېيىندىن 14-مارتقىچە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2016-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ دوكلاتىغا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتلىرىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە ئۇنى يوقارقى دوكلاتلارنىڭ ئىككى قارالما لايھەسى قىلدى.يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئالىي خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارار لايھەسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارار لايھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىۋى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىۋى شىن چۈنيىڭ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدىكى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى ئايرىم ئايرىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار يوقارقى تەكلىپلەرنى قاراپ چىققاندىن كېيىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى سۇنىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدىكى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ھەققىدىكى دوكلات ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-يىغىنى ئېچىلدى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 15-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خەيرى-ساخاۋەت قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنى ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى، 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى، 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ھەم 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىن ئىبارەت يەتتە قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خۇاڭ رۈنچيۇنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ھەققىدىكى قارارىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەم جەزملەشتۈرۈلگەن قارار لايىھەسىنىڭ پۈتكەن نۇسخىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىن يۇقىرىقى لايىھەلەرنى ئاۋازغا قويۇش نۇسخىلىرىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر