باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

2016.03.17 12:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى تولۇق تاماملاپ، 15 – مارت ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.بۇ يىلقى‹‹ئىككى يىغىن›› 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى باشلانغان تۇنجى يىلدا ئېچىلغان بولۇپ، ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قاتارلىقلارنى بىرلىكتە ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى.

  ئەزا خۇ جىبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن ‹‹<ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز›› تېمىسىدا سۆز قىلىپ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تەدبىرلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى تۈپتىن يېڭىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەقىل كۆرسىتىپ، ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى كۈتۈۋالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر