باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە نامرات رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2016.03.16 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 15 – مارت، « نامرات رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر »نى تارقاتتى. پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «13 ـ بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەخسۇس دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مەبلىغىنىڭ نامرات رايونلارغا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ٪ 40 ئۆپچۆرىسىگە يەتكۈزىدۇ. يەرلىك ماس قەدەملىك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنىڭ روشەن كۈچەيتىلىشىنى، خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

  پىكىردە نامرات رايونلارنىڭ ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، دائىرىگە كىرگۈزۈلگەن 165 نامرات ناھىيەلەرنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىش، نامرات ناھىيىلەردە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ 30 مىليون مودىن ئارتۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن 172 مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالدىن يولغا قويۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر