باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.03.15 14:17   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى يېپىلدى

  دېموكراتىك كېڭىشىش ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 14 – مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈەن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە باشلاندى. يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزانىڭ 2214 كىشى بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 2101 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى، بۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: يىغىن مەزگىلىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەر قايسى ساھەدىكى گۇرۇپپىلارغا بېرىپ پىكىر، تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە كېڭىشىپ، ياخشى تەدبىر، پىلان كۆرسىتىپ، مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يىغىن دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىشىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش – دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 1000 يىللىق ئارزۇسىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان بوشاشماي ئىنتىلىشىنى زېممىسىگە ئالغان. ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىش ۋە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلىنى كۈتۈۋالدۇق. تارىخنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى، مۇشكۈل ۋەزىپە بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زېممىسىگە يۈكلەندى. بىز باشتىن ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان سېلىنغان پۇختا ماددىي ئاساس ئاساسىدا بىز جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈتۈش بىلەن ئىشقا ئاشمايدۇ، بۇنىڭدا جەزمەن ئېتىقاد ۋە كۈچنى چىڭ ساقلاپ، چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. شۇنى چوڭقۇر بىلىشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش 1مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇش، بۇنىڭدا جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئورتاق تونۇش، ئەقىل – پاراسەت، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، جەڭگىۋار، كۈتۈرەڭگو روھ، پۇختا، ئەمەلىي تىرىشچانلىق بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى باشتىن – ئاخىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى تەرەققىياتقا ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھىرلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەر، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كەڭ دائىرىلىك مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياخشى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پائال تۈردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، كېڭىشىشكە ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىش، ياخشى چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئەمەلىي يول كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ، ئىدراكى بولۇپ، ئەسەبىي تەشەببۇسنى رەت قىلىپ، پۇختا، ئەمەلىي بولۇپ، ساختا ئىستىلنى قاتتىق چەكلەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا نەتىجە قازىنىپ، ئۆز ساھەسىدىكى ئامما ئارىسىدا ئۈلگىلىك باشلامچى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما كەي، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، سۈن جېڭسەي، لى جيەنگو، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، خۇ چۈنخۇا، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۇەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ، چاڭ ۋەنچۈەن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ قاتارلىقلار يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش مۇراسىمىنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …