باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيەدىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2016.03.17 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-مارت، نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى سانېت ئوسمان نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئىشتاتىدىكى بىر مەسچىتتە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 22 ئادەم قازا قىلىپ، 35 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

  ئوسمان باياناتىدا مۇنداق دېدى: بورنو ئىشتاتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى مەيدۇگۇرى ئەتراپىدىكى رايونغا جايلاشقان ئۇمالالى كەنتىدە شۇ كۈنى ئۆزىنى قوشۇپ زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. تۇنجى قېتىم پارتلاش بىر مەسچىت ئىچىدە يۈز بەردى، بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، مەسچىتكە تەخمىنەن 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا يەنە بىر قېتىم پارتلاش يۈز بەردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى نەپەر ئايال بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. ھازىرغا قەدەر، ھېچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر