خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-مارت، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى بىر مەسچىتتە ئاپتوموبىل پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 13 - مارت كەچتە، ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە ئاپتوموبىل پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 37 ئادەم قازا قىلدى، بۇ بىر نەپەر تىرورچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىملىق پارتلاش بەش ئاي ئىچىدە ئەنقەرە ئۇچرىغان 3 ـ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى