باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پان جۇجياڭ دېلتا رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىكرى»نى چىقاردى

2016.03.17 12:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پان جۇجياڭ دېلتا رايونى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، يېقىندا «پان جۇجياڭ دېلتا رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقاردى.

  پان جۇجياڭ دېلتا رايونى-فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىشچان، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، تەڭ نەپ يەتكۈزۈشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تېخىمۇ ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن بازار سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، جۇجياڭ-شىجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان زور ھەمكارلىق سەھنىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، جەمئىيىتى ئىناق، ئېكولوگىيەسى ياخشى پان جۇجياڭ دېلتا رايونىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر