12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى، ئىككى سائەتكە سوزۇلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا، لى كېچياڭ ئىقتىسادى ۋەزىيەت، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئورگانلارنى قىسقارتىپ، ھوقۇقىنى قويۇپ بېرىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالاش، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئەتراپ مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ئالتە يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سۈرئەتتە ئاشتى، ئەمما بىز يەنىلا تەخمىنەن %7لىك ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق ھەمدە قالاق سۇغۇرۇش تىپىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىش ئۇسۇلىنى قوللانماي، ئەكسىنچە تېخىمۇ جاپالىق ئەمما ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىر يولنى تاللىدۇق، يەنى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭگو ئىقتىسادىدا تەرەققىيات جەريانىدا يەنە كىچىك، قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش بولىدۇ، ئەمما ئەگەر ئىقتىسادى ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە بولسا، بىز ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق ياراتساق، ئىقتىسادى ھەرىكەتنى مۇقىملاشتۇرالايمىز.
لى كېچياڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش جەھەتتە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئورگانلارنى قىسقارتىپ، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دېيىشكە بولىدۇ،مەركەزمۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، بىز يەنە بىرقانچە جەھەتتە تىرىشىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، ئاشكارىلاشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلاش، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر، مالىيە خامچوتى كىرىم چىقىم ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلىك كودنى سايلىغانغا ئوخشاش ئاممىغا ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىش، بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق كېرەك، ئىككىنچى، تورغا چىقارغىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تورغا چىقىرىش، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تىزىملىكىنى تورغا چىقىرىش، ھوقۇق ھەرىكىتىنىمۇ تورغا چىقىرىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش بوشلۇقىنى كېچىكلەتكىلى بولىدۇ، ئۈچىنچى، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش لازىم، بىز بەزى سىياسەتلەرنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىرىمىز، ئەمما ئۇنى چۈشەنمىسە، قايمۇقسا چۈشەندۈرۈش كېرەك، بەزى مۇۋاپىق تەكلىپلەرنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېگىشلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك، ئەل رايىغا جاۋابەن سىياسەت مەزمۇنلىرىنى ئېنىق قىلىش لازىم.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسلىىسى ئوخشاشلا بۇ يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە بولدى، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا مەسىلە يوق، ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى كىرىم چىقىم ھېسابات قالدۇقىمىز 340 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بىز تېخى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى زاپىسىغا تەگمىدۇق، دۆلەت مۈلكى ئارقىلىق كۈتۈنۈش فوندىنى تولۇقلاش ئىقتىدارىمىز بار، شۇڭا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس.
لى كېچياڭ جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ قارايدۇ، بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىجازەت ئۆلچىمىنى قويۇۋېتىمىز ۋە تەدرىجىي بوشىتىمىز، ئەمما بۇ قوش يۆنىلىشلىك بولۇشى كېرەك، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئېچىۋېتىشى كېرەك، شۇڭا بىزمۇ ئامېرىكىنىڭ بىز بىلەن جۇڭگو ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىنى باراۋەرلىكتە ئورتاق نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، كۆرۈلگەن ئىختىلاپلارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئارىمىزدا نەچچە يۈز سۆھبەت، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى بار، سەمىمىي بولساقلا ئىختىلاپلانى كونترول قىلالايمىز، مەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.