باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ساياھەتكە بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ قاتناش پىراۋىسى بىلەن بىۋاسىتە ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولىدۇ، دېدى

2016.03.16 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىمتىھانى بېرىش ئىسلاھاتى يېڭى سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر بولۇپ، 2015-يىلى 14-دېكابىر، ج خ مىنىستىرلىقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە « پىراۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالاشتى، ئۇنىڭدا ئىككى دۆلەت پىراۋىسىنى ئىمتىھانسىز ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىپ ئالماشتۇرسا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ قارشى تەرەپ دۆلەتتە ماشىنا ھەيدىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. 2016-يىلى 14-مارت، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پىراۋىسىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىپ ئالماشتۇرۇش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.

  چۈشىنىش ئەسلەتمىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تارقاتقان ئىناۋەتلىك پىراۋىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ( C 1 )، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل (C2 ) پىراۋىسى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېنىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىپ، ئىمتىھانسىز ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىۋاسىتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ياكى ئىمتىھانسىز ھەيدەش پىراۋىسىنى ئالماشتۇرغاندا، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ھەيدەش ئىجازەتنامىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سالامەتلىك، ياش قاتارلىق شەرتلىرىگە ماس كېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر