باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇدا 12 يىل كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈردى

2016 - يىلى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى % 6.5 ئۆستۈرۈلىدۇ

2016.03.16 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- مارت، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2016 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردىن پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ مائاشى دۆلەت ئېلان قىلغان % 6.5 ئەتراپىدىكى نىسبەت بويىچە ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مائاشىنى ھەر ئايدا 140 يۈەن ئەتراپىدا كۆپەيتىپ بىرىشتىن ئۈمىد بار. بۇ قېتىم ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ۋە ئورگان-كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 200 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش 2005-يىلىدىن بۇيانقى 12-قېتىملىق تەڭشەش بولۇپ، تەڭشەش ئوبيېكتى 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بويىچە رەسمىي پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن، كارخانا ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار بولۇپ، تەڭشەش ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا 2016-يىلى پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارخانا ۋە ئورگان-كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆلچىمىنى % 6.5 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش ھەمدە بىر قەدەر بالدۇر پېنسىيىگە چىققان، كۈتۈنۈش پۇلى نىسبەتەن تۆۋەن ۋە جاپالىق، چەت-يىراق رايونلاردىكى كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارغا مايىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن چېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ۋە ئورگان-كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنى كونكرېت تەڭشەش لايىھەسى ھازىر تۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى تەڭشەش ئۆلچىمى ۋە كونكرېت تەڭشەش شەكلىدە يەرلىك چىقارغان سىياسەت ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر