باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5 – تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش خىزمىتى باشلاندى

ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچىلىرىدىن 400 ئادەم تاللاپ تەربىيەلىنىدۇ

2016.03.16 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14 -مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5 – تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت پەن - تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش خىزمىتى باشلانغان.

  بۇ يىل بەشىنچى تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت پەن - تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش خىزمىتى باشلىنىدىغان يىل بولۇپ، ئالاھىدە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2016 - يىللىق 400 نەپەر تەربىيەلەش نامزاتىنى كۆرسىتىش خىزمىتىنى رەسمىي يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە 200 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىدۇ، 200 نەپەر ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئىچىدە تەربىيەلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش نامزاتى دائىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى (ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ياش، ئوتتۇرا ياش پەن - تېخنىكا تايانچىلىرى بولىدىكەن. تەۋسىيە نامزاتى شەرتى: ياخشى ئىدىيىۋى ۋە كەسپىي ئەخلاققا ئىگە، يېشى 45 ياشتىن تۆۋەن، بىرقەدەر ياخشى بولغان خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇش؛ بۇلار ئىچىدە، بەزى جىددى زۆرۈر كەسپلەر ياكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا ياش، ياش پەن-تېخنىكا تايانچلىرىغا قارىتا ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانغا تۆۋەنلەتسە بولىدىكەن، مەلۇم تېما تەتقىقاتى، تۈر ئېچىش ئىقتىدارى بار بولۇش، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي تايانچىسى ياكى تېخنىكا باشلامچىسى بولۇش كېرەك ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر