خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) 13-مارت، باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى شىمالىي كۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەسى 1 مىليون 210 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى، 1 مىليون 97 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى تارقىتىپ، 449 ئائىلىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، 1200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى