خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچى نيۇلۇ بازىرىدىكى شىبە قىزچاق خې ئەنرۈي بۇ يىل توققۇز ياشقا كىردى. باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، 2015-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىر «ساقچى دادىسى» ۋە «ساقچى ئانىسى» بار بولدى. خې ئەنرۈينىڭ «ساقچى دادىسى» سۇ يىنخوڭ شىنجاڭ ئىلى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى سۇنجاچى نيۇلۇ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
2015-يىل، ساقچى سۇ يىنخوڭ قاراشلىق رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، خې ئەنرۈي بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇ خې ئەنرۈينىڭ ئۆگىنىشتە تىرىشچان، نەتىجىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاتا - ئانىسىنىڭ كىرىمى بەك ئاز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، خې ئەنرۈينىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى. «مەنمۇ نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتى، تىرىشچان خې ئەنرۈينى كۆرۈپ، خۇددى كىچىك ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم». ساقچى سۇ يىنخوڭ: «مېنىڭ ئۈچ ياشلىق بىر ئوغلۇم بار، لېكىن ئارىلىقىمىز يىراق، ئۇنىڭ يېنىدا دائىم ھەمراھ بولالمايمەن، خې ئەنرۈي بىلەن بىللە بولغاندا، مەن ئۇنى ئۆز بالامنى كۆرگەندەك بولىمەن»، دېدى. ساقچى سۇ يىنخوڭ بىكار بولسىلا كېلىپ خې ئەنرۈيگە دەرس تەكرارلاپ بېرىدۇ، تۇرمۇش ۋە ئادەم بولۇشنىڭ يولى توغرىلىق سۆزلەپ بېرىدۇ.
ساقچى سۇ يىنخوڭنىڭ خې ئەنرۈيگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سۇ ساقچىنىڭ خىزمەتدىشى، چاپچال ناھىيەلىك چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى گۈلنار چوڭقۇر تەسىرلەندى. گۈلنار: «مەن ناھايىتى ھېسسىياتچان ئادەم، شۇنداقلا بىر ئانا. خې ئەنرۈينى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ مېھرىمنى ئاتا قىلىپ، قۇربىم يەتكەن ئىشلارنى قىلىپ بەرگۈم كەلدى»، دېدى. گۈلنار كۆپ قېتىم ناھىيەدىن سۇنجاچى نيۇلۇ بازىرىغا كېلىپ خې ئەنرۈينى يوقلاپ، ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى، بىرلىكتە ئويۇن ئوينىدى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى. خې ئەنرۈي بۇرۇن بىر دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. «ساقچى دادا» ۋە «ساقچى ئانا» بار بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە ساقچى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئارزۇسى تىكلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى