خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ، رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، كەشتە ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، يېمەك- ئىچمەك كۆرگەزمىسى 16- مارت كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.كۆرگەزمىگە قەدىمىي يۇرت كۈسەننىڭ 15 تۈردىكى 350 دىن ئاشىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، 25 تۈردىكى 850 دىن ئاشىدىغان نەپىس كەشتە بۇيۇملىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىگە قۇيۇلۇپ، ناھىيە ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 1000غا يېقىن ساياھەتچى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
سۈرەتتە: 16- مارت ھەر مىللەت ئاممىسى كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى