- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ ۋۇ تىڭجۆنىڭ بىرمىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
جۇڭگونىڭ بىرما بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى سىجىل، مۇقىم راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
2016.03.17 13:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-مارت ۋۇ تىڭجۆگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ بىرما فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرما خەلقى زۇڭتۇڭ ۋۇ تىڭجۆنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا جەزمەن تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-بىرمىنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، «قېرىنداشلىق» ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو بىرما بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر