خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى، فوتوسى) شاڭخەي ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىنستىتۇتى يەكەن ناھىيەسىدىكى ئوقۇشتا تىرىشچان 14 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن 2014-2015- يىللىق ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشىغا ئىلھام بەردى.
شاڭخەي ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىنستىتۇتى بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى 2013- يىلى باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئۈچ ئوقۇش يىلىدا 42 ئوقۇغۇچىغا 84 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ بەرگەن ئىدى.
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى