باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 10-مارت باشلىنىدۇ

2016.03.07 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملىتىش خىزمىتى 10-مارت باشلىنىپ، 10-ئاپرېل ئاياغلىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا 9880ئوقۇغۇچى ۋە 3300ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 10مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، بىڭتۈەن سىنىپلىرىغا كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر