باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۆچەك شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق قىشلىق تۆل ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى

2016.03.07 19:06         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چۆچەك شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق قىشلىق تۆل ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قالغان. بۇ يىل قىشتا جەمئىي 220 مىڭ تۇياق تۆل ئېلىنىپ، تۆل ئېلىش، ئەي بولۇش نىسبىتى %99تىن ئاشقان.

  چۆچەك شەھىرى ئەرگوڭ بازىرى قارىدۆڭ كەنتىدىكى باقمىچى جاڭ خوڭشەن 20 يىللىق باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە كونا باقمىچى. بۇ يىل ئۇنىڭ 40 تۇياق ساغلىقى، 50 نەچچە تۇياق چىشى پاقلىنى تۆللەپ، جاڭ خوڭشەننى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چارۋىچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، قويلار قىشتىن بىخەتەر ئۆتكەن. بۇلتۇر ئۇ يەم - خەشەكنى يېتەرلىك تەييارلىغان بولغاچقا، قويلارنى قىشىچە ياخشى باققان. باقمىچى جاڭ خوڭشەن مۇنداق دېدى: «قويلىرىمنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %110 بولدى، قوش تۆل ئېلىنغان ساغلىقلار خېلى كۆپ، بەزىلىرى ئىككىنى، بەزىلىرى ئۈچنى تۆللىدى».

  چۆچەك شەھەرلىك مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىرباي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 4- ئاينىڭ باشلىرىغىچە جەمئىي تۆللەرنىڭ 340 مىڭ تۇياقتىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش خىزمىتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلىنىپ، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاياغلىشىدۇ. ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش خىزمىتىنى قىشلىق تۆل ئېلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەيمىز. تېخنىكلارنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، چارۋا-ماللارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر