جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى . جياڭ يىكاڭ، گوشۇچىڭ، جاڭ شۇچىن قاتارلىق ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلدى. ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خېيىم-خەتەر توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز ئاشۇرۇلدى . بۇ يىللىق مۇرەككەپ ئىچكى تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، ئەقىل پاراسىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى تولۇقلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلاپ، ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ،ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش-قوش ئوتتۇرا يۇقىرى ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىغا ئاساسەن، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ،بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت قاتارلىقنىڭ بىخ ئۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيەنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك تۈگىتىپ، يېڭى كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيەسىنىڭ تەڭپۇڭ مۇقىم تۇتاشتۇرۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوش موتور ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۇلى تېخىمۇ پۇختا، سۇپىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ھەرىكىتى تېخىمۇ مۇقىم بولغان ئوربىتىغا چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچ-ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش، چوڭ، ئوتتۇرا،كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر ماسلىشىپ قوش يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جانلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىجاد قىلىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى،ئۈنۈمىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئوبدان تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
لى كېچياڭ شەندۇڭنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شەندۇڭنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.