خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئۆز مۇخبىرىمىز مەلىكەم خەۋىرى) مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد-سودا ئىنسىتىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بۈۋىھەجەر ئابلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلەرنى تونۇشتۇردى.
بۈۋىھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: 2007 - يىلى «مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتى» باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» ۋە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ « مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، « ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش، پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش» تىن ئىبارەت خىزمەت تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتۇش بىلەن تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتىنى تەشكىللەشكە بولغان رەھبەرلىك ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. ئاپتونوم رايون ھەر يىلى مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز كېيىنكى قەدەمدە ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدۇق. ئۇنىۋېرسال تاللاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز 284 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپنى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى، دەپ بېكىتتى ھەم نام بەردى، غۇلجا شەھىرى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى سىناق نۇقتا ناھىيەسى ( رايون) گە ئايلاندى.
ئۇ تۆۋەندىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1. خىراجەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياخشى پۇتبول ئاساسى بار، مالىيە تارماقلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەكتەپلەرنىڭ خىراجەت كاپالەت سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشى، مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئوقۇتۇشى، مەشىق قىلىش، مۇسابىقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللىشى كېرەك.
2.ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، پۇتبول كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ۋە پۇتبول كەسپىگە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئوقۇتقۇچى ئېھتىياجىنى تولۇقلاپ بېرىشى لازىم. ھازىرقى مەخسۇس، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشتە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ، مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ رىغبەتلەندۈرۈش چارىسىنى يولغا قويۇپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول تىرېنېرلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، چېكىنگەن پۇتبول تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ھەر يىلى جەمئىي ئالتە پۇتبول كەسپىي سىنىپىغا 240 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى، بەش يىلدا جەمئىي 1200 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
3.مەيدان ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. مەكتەپ پۇتبول مەيدانى قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈشنى قوللاپ، مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتى تەلىپىنى قاندۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەكتەپ پۇتبول مەيدانىنى يېڭىدىن ياساش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساش، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇتبول تەنھەرىكەت مەيدانى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
4. پۇتبول دەرس بايلىقىنى ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ پۇتبولىنى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنى قىلىپ، ھەر ھەپتىدە بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسىدە پۇتبول ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بېرىش؛ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق ئۆتۈش ھەمدە پۇتبولنى پەن ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پۇتبول دەرسلىكى ۋە ئوقۇتقۇچى پايدىلىنىدىغان دەرسلىكنى ھەقسىز دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈش لازىم.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى