باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل سۇ شياۋمېي ئۇدا تۆت يىل بالىلار بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى

2016.03.09 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۇ شياۋمېي گۇيجۇ ئۆلكىسى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋە زۈنيى مېدىتسىنا ئىنسىتىتۇتى تارماق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇ ئۇدا تۆت يىل بالىلار بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ تاپشۇردى. جەمئىيەتنىڭ بالىلار دوختۇرى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، بالىلار بۆلۈمىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، خەلق تورى مۇخبىرى گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدا، داۋالاش ساھەسىدىكى بۇ « ساداقەتمەن » ۋەكىلنى ئۇچراتتى. سۇ شياۋمېي مۇنداق دېدى: مەن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. مەسىلەن، بالىلار كېسەللىكلىرى بويىچە تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، بالىلار دوختۇرى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، بالىلار بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپىنى يەنە تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بەزى كونكرېت تەدبىرلەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بىراق، مېنىڭ قارىشىمچە، بالىلار بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يەنىلا بالىلار دوختۇرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر