خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۆز مۇخبىرىمىز مەلىكەم خەۋىرى) مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئالاقە بۆلۈمى تەرەپلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەلىمە 6-مارت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ بۇ يىل ئېلىپ كەلگەن تەكلىپنى تونۇشتۇردى.
خەلىمە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا چېگرا بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ئەل رايىنى مايىل قىلىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەل رايىنى مايىل قىلىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. « بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ ئارزۇسى، بايلىق توپلاشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ۋە مۇھىم تۈۋرۈكى. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرسا، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئورتاق ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىزگە تېخىمۇ دوستانە، تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، تېخىمۇ قوللايدۇ.
ئۇ تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى :
1. تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك
گوۋۇيۈەن « بىر بەلباغ، بىر يول» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قول ئاستىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلقئارا ھەمكارلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان ئاپپارات قۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلقئارا تۈر ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلقئارا ھەمكارلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى، خىزمەت مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي بولغان تور نازارەتچىلىكى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
2.خىراجەت ئىشلىتىشنى تاشقى ياردەم باش خامچوتىغا كىرگۈزۈشنى « بىر بەلباغ، بىر يول » قۇرۇلۇش تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر يىلى ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ئومۇمىي خام چوتى ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ نىسبەتتە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئۇزاق مۇددەت بولۇش، تەكرار بولۇش ۋە تارقاق بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سىرتقا ئەۋەتىدىغان خادىملارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، خىراجەت ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە تەڭشەپ، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3.ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سالاھىيىتى بار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ قاتناشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ئىنسانپەرۋەرلىك دىپلوماتىيە رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان تۈرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردە مۇناسىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئورنىتىپ، مۇنبەر، تەربىيەلەش، تور ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى