باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال باشقۇرغۇچىلارنىڭ سانى تۆتتىن بىر ئۈلۈشكىمۇ يەتمەيدىكەن، روسىيەدە ئەڭ كۆپ ئىكەن

2016.03.09 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا بوغالتىرلىق ئاپپاراتىنىڭ 8-چېسلا ئېلان قىلغان «خەلقئارا سودا تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىكى ئاياللارنىڭ نىسبىتى گەرچە بۇلتۇرقىدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۆتتىن بىر ئۈلۈشكە يەتمەيدىكەن.

  «سودا ساھەسىدىكى ئاياللار» ناملىق بۇ تەكشۈرۈش 36 دۆلەتتىكى 5520 كارخانىغا چېتىلىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2016-يىلى يەر شارى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال باشقۇرغۇچىلار پەقەت %24 بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا % 22 ئاشقان.

  تەكشۈرۈلگەن دۆلەتلەر ئىچىدە، رۇسىيەدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال باشقۇرغۇچىلار نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 45 % كە يەتكەن، فىلىپپىن ۋە لىتۋا ئايرىم ھالدا ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال باشقۇرغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان ياپونىيەدە بۇ سانلىق مەلۇمات ئاران % 7 بولغان، گېرمانىيە %15 بىلەن ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. قىزىقارلىق يېرى، تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە، %39 كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدا ئاياللار يوقكەن، ياپونىيەدە بۇ نىسبەت %73 بولغان.

  جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئايال يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 30 كە يېتىپ، توققۇزىچى ئورۇندا تۇرغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر