خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 4-مارت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقىنىڭ 3-قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ئانا، 10 نەپەر بەشتە ياخشى ئائىلە ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاندى ۋە ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
سۈرەتتە: 10 مۇنەۋۋەر ئانا ۋە بەشتە ياخشى ئائىلىلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى