باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا: ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى ئىران يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلمىدى

2016.03.09 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاقساراي بىلەن ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 8-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى ئىران يادرو كېلىشىمىگە خىلاپ ئەمەس، لېكىن ئامېرىكا بولغان ۋەقەلەرنى باھالاپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق جاۋاب بېرىدۇ.

  ئاقساراي باياناتچىسى ئېرنىست شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: « بۇ ( ئىران ) يادرو كېلىشىمى »گە خىلاپ ئەمەس، ئالاقىدار تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا، ۋەقە باھالانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇم قىلىش-قىلماسلىق توغرىلىق قارار چىقىرىدۇ.

  ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 8-چېسلا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران شۇ كۈنى بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا بىر نەچچە تال ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مانېۋېر ئىران چېگرىسىدىكى بىر قانچە رايوندا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، مەقسەت دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ئىراننىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىكەن. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى مانېۋرنى كۆرگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر