باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئىنقىلابىي قەھرىمان مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.07 19:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئىنقىلابىي قەھرىمان مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 5-مارت شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى نەق مەيداندا مەمەتجان توخنىيازنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىدى.

  دوكلات تەسىرلىك بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئالغا بېسىشقا ئۈندىدى. مەمەتجان توخنىيازنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى زوراۋان، ياۋۇز توپىلاڭچىلارغا قارشى كۈرەشتە نامايان قىلغان قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلدى. دوكلاتنى ئاڭلىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بەس - بەستە: قەھرىماننىڭ قېنى بىكارغا ئاقمايدۇ، قەھرىماننىڭ ئىش - ئىزلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىگە تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز، دېيىشتى.

  شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەۋلۇدە مىجىت مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان قەلبىمىزدىكى قەھرىمان، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىدى. بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، زوراۋان، تېررورچىلارغا غەزەپ - نەپرىتىم تولۇپ تاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، تېنچ - ئەمىن جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات سېيىت مۇنداق دېدى: بىز خەلق ساقچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆپچىلىكنى ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان توختنىيازنىڭ پارتىيە، خەلق ئۈچۈن سادىق بولۇش روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەيمىز. ئۇلاردىن ئىنقىلابىي قۇرباننى ئۈلگە قىلىپ، ئۆگىنىش جەريانىدا كەسىپنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. قۇربىتىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق خاتىرجەم بولىدىغان لاياقەتلىك خەلق ساقچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر