پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ ئايرىم ئايرىم شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا نىسبەتەن نى نى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇھىم مەزگىل. مەركەز "بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم"، "شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش"، "ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش" ، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي بوشاشماي ۋە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلىدۇ. شياڭگاڭ ئاۋمېن جەمئىيىتى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ۋە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، "بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم"نىڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تايىنىش، شياڭگاڭ جەمئىيىتى "تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش"نى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت يولغا قويغان "13-بەش يىللىق پىلان"، "بىر بەلباغ بىر يول" قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جاڭ دېجياڭ ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى بىر گەۋدىلىك مەسىلىگە يەنى ئىقتىسادنىڭ ماس كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىگە ئۇچرىماقتا. ئاۋمېن دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى ۋە مەركەزنىڭ ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى يېتەرلىك ياخشى ئىشلىتىشى، ئاۋمېننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىقتىساد مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ساھەدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4-مارت جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەستىن ئىلھام بېرىپ ۋە قوللاپ ھەم يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايلاردا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جۇغلاش، بازارغا كىرىشى تەس بولۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، "ئىناق"، "ئېنىق" بولۇش تەلىپى بويىچە يېڭىچە ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى مۇھىت ۋە تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەركەز بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە "جۇڭگو كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى" نىڭ سىناق لايىھەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىش كېرەك.