باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك

2016.03.06 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسەت، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى توپلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول، يۆنىلىش، نىشان بەلگىلەشتە ئىرادە، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر