باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسى مائارىپقا بولغان سېلىنمىنى يىلمۇ-يىل كۆپەيتىپ، شەھەر-يېزا مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەقىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى

2016.03.04 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى) باي ناھىيەسى بۇلتۇردىن بۇيان، مەجبۇرىييەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 35 مىليون 525 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپى، كانچى يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى، ياتۇر يېزا يېڭى لەنگە كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق 16 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ ياتىقىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، جەمئىي 14 مىڭ 846 كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتتى. 13 مىليون 641 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 158 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ئۆيى ۋە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى ئۆلچەملەشكەن سۈنئىي چىملىق قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. ئونباش يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتى، سايرام بازىرىنىڭ لاپا كەنتىدىكى بالىلار يەسلىسىنى يېڭىدىن سېلىپ، شىمالىي يېڭىشەھەر رايونىدىكى قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپى، قار لەيلىسى «قوش تىللىق» بالىلار يەسلىسىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى. كانچى يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنى يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈپ سېلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك ياخشىلاپ، شەھەر رايونىنىڭ ئوقۇتۇش بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز يەڭگىللەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر