- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت نىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى: سۇرىيەدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى
2016.03.05 11:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: گەرچە ئاندا ساندا ئېتىشىشلار يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن شۇ جاي ۋاقتى 27-فېۋرال سائەت نۆلدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولغان سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھازىر ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۇرىيەدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. دېمىستۇرا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سۇرىيە ۋەزىيىتىنى ھازىر ئاجىز دەپ سۈپەتلىسەك بولىدۇ، ئەڭ ئاخىردا تىنچلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقى نامەلۇم، لېكىن بۇ سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان بەش يىلدىن بۇيان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ سۇرىيەدە تۇنجى قېتىم ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىشى، كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىلەش ۋە ئۈمىدنى كۆردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر