- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالتە ئۈلۈش كورىيە ئاياللىرى تاشقى قىياپىتىدىن نارازى ئىكەن
يېرىمغا يېقىن كورېيە ئايالللىرى ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باققان
2016.03.04 14:56 مەنبە: خەلق تورى
كورىيەدىكى بىر دورا ياساش شىركىتى 2-چېسلا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئون نەپەر كورىيە ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ئۆز چىرايىدىن رازى ئەمەس ئىكەن، %40تىن ئارتۇق ئاياللار ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باققان ئىكەن. % 84 زىيارەت قىلىنغۇچى ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە ئىكەن. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەكشۈرۈشنى دۆلەت ھالقىغان دورا كارخانىسى ئاللېرگاننىڭ كورىيەدىكى شۆبە شىركىتى ئىشلىگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %97 كورىيە ئاياللىرى گۈزەللىكنى ساقلاش بەك مۇھىم دەپ قارىغان، %61 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ چىرايىدىن رازى ئەمەس ئىكەن؛ %42 زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى ئاياللار ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باققان، %42 زىيارەت قىلىنغۇچى ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باقمىغان، لېكىن بۇندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر