باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.03.06 14:06   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى 5 – مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: كۈرەش قىلغاندىلا كەلگۈسىنى يارىتالايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇندىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ياخشى باشلىنىش يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000 غا يېقىن ۋەكىلى 1مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەلبىگە پۈكۈپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، يىغىن مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدا ئولتۇردى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2943 بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 2890 كىشى قاتناشتى، 53 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا جاڭ دېجياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى: بىرىنچى، 2015 – يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەش؛ ئىككىنچى، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەر ۋە زور تەدبىرلەر؛ ئۈچىنچى، 2016 – يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئاجايىپ جاسارەت بىلەن، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لى كېچياڭ تىرىشىپ مۇقىم ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش؛ بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئېچىشقا تىرىشىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇلتۇرقى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك. كۈلپەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ ئۈمىدى بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى››گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ‹‹خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى(دەسلەپكى لايىھەسى)››نى تۈزۈپ، يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى. ‹‹دەسلەپكى لايىھە››دە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماس بولماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش تەكىتلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان بىرقاتار زور تەدبىر، زور قۇرۇلۇش ۋە زور تۈرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۆۋەندىكى ئالتە مەسىلە گەۋدىلەندۈرۈلدى: بىرىنچى، ئىقتىسادنىڭ نورمال، تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، كەسىپلەرنىڭ نورمال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش؛ ئۈچىنچى، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ تۆتىنچى، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش؛ بەشىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئالتىنچى، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىشتە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، كونا – يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ داۋاملىق ئالمىشىشىنى تېزلىتىش.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2016 – يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %.5 6تىن %7كىچە ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى %3 ئۆپچۆرىسىدە كونترول قىلىش، شەھەر – بازارلاردا 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئىمپورت – ئېكسپورتنى مۇقىم قىلىپ، خەلقئارا كىرىم – چىقىمنىڭ ئاساسەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.4تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى داۋاملىق ئازايتىشتىن ئىبارەت.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى تۆۋەندىكى سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز: بىرىنچى، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش؛ ئىككىنچى، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، سىجىل ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىياتتا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ئېچىش؛ تۆتىنچى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش؛ بەشىنچى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئالتىنچى، مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ سەككىزىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

  لى كېچياڭ يەنە مىللەت، دىن ۋە مۇھاجىرلار خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەم ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى.

  يىغىننىڭ قارالمىلىرىغا ئاساسەن، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، 2015 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە 2016 – يىللىق پىلان لايىھە، 2015 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2016 – يىللىق مەملىكەتنىڭ خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما كەي، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ، شۇ چىلياڭ، سۇن چۈنلەن، سۇن جېڭسەي، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، خۇ چۈنخۇا، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجيې، دوڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن فاڭ فېڭخۈي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخې قاتارلىقلار بار.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…