باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى گىرېتسىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىدى

2016.03.05 11:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك 3- مارت مۇنداق دېدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى گىرېتسىيەنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئەمما ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا قوللانغان ھەرىكەتلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەسىلىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش روھىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. تۇسك شۇ كۈنى، گىرېتسىيەنىڭ زۇڭلىسى سىپراس بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا،« بىز گىرېتسىيەنى تاشلىۋەتمەيمىز»دېدى. يېقىندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كەلگۈسى 3 يىلدا گىرېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە 700 مىليون ياۋرو ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

  تۇسك يەنە، ئىقتىسادنى كۆزلىگەن مۇساپىرلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئېگېي دېڭىزىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بارماسلىقىنى، ھەم ئۇلارنىڭ نوپۇس ئەتكەسچىلىرىگە ئىشەنمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر