باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى بولدى

2016.03.05 11:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىنىمۇ ئەتە ئېچىلىدۇ. نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى: جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، جۇڭگودىكى ئىككى يىغىن ئاللىبۇرۇن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى دېدى.

  رۇسىيە خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقىدىن كرىۋوشېيېۋ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىل بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى سىرلىق ۋە يىراق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ سىرتتىن ئاڭلىيالايدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىنىڭ ۋەكىلى.

  مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇدىر مۇھەررىر خالىد بەدرى مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىن جۇڭگودىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىشلارنىڭ بىرى، يىغىندا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق پىلانى قارار قىلىنىدۇ.

  ياپونىيە ئاساھى خەۋىرى گېزىتى خەلقئارا خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىشىمۇرا دائىسۇكې مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى ۋاقتىمدا جۇڭگونىڭ كۈچىيىپ قەد كۆتۈرگەن نۇرغۇن مۇھىم پەيتلىرىگە شاھىت بولدۇم. چەتئەللىك مۇخبىرلار ئىككى يىغىن ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشالايدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇس مەيدانلىرىنى تولۇق ئىگەللىيەلەيدۇ.

  كورېيە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا تۆت قېتىم قاتنىشىپ جۇڭگوغا بولغان قارىشىمدا ئۆزگىرىش بولدى، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيەگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھېچ قىلدىم. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىمۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  ئاساھى خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يوۋ رۈنتيەن مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ مۇھىم يىللىق سىياسىي پائالىيىتى، گېزىتىمىز بۇ يىل خەۋەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم خەۋەرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر