باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - قېتىملىق يىغىنى 5 - مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا باشلىنىدۇ

2016.03.05 12:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - قېتىملىق يىغىنى 5 - مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى تىزىسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2015 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2015 ـ يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 - يىللىق مەركەز خام چوتى بىلەن يەرلىك خام چوت لايىھىسى دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىدۇ.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى 5 - مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - قېتىملىق يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر