باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2016.03.05 15:28   مەنبە: خەلق تورى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 4-مارت خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن قارالمىلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىن جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  تەرەققىيات ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ،13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ يارقىن نۇقتىسى

  فۇ يىڭ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان قارالمىلارنىڭ بىرى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىمۇ تازا ياخشى ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋالدا، تاشقى مۇھىت جۇڭگونىڭ قانداق لايىھە، تەدبىر ۋە مەبلەغ ئارقىلىق مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ۋە تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.

  فۇ يىڭ مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش يىللىق پىلانى، لايىھە تەييارلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش جەريانى بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا جەزمەن ناھايىتى كۆپ يېڭى ئىدىيە، تەكلىپ، پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، شۇڭا 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر قىزىق نۇقتىسى، شۇنداقلا بىر يارقىن نۇقتىسى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…