خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن «ئىككى يىغىن ۋاقتى» ئىكىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سائەت 11 دە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، 90 مىنۇتتا، ئاخبارات باياناتچىسى فۇ يىڭ 18 مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، بۇنىڭ 11 ى قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلە بولۇپ ، كىشىلەرنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر مەنىسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇنلار: كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان «خەير-ساخاۋەت قانۇنى»، «ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى»، «ھۆكۈمەت ئىلكىدە بولمىغان تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنى» دەسلەپكى لايىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بەزىلىرى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن يېقىندا يولغا قويۇلدى، بەزىلىرى يېقىندا قاراپ چىقىلىدى، بەزىلىرى قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، بەزىلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. خەلق تورى مۇخبىرلىرى سىلەرنى ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى