ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتناشقان شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتناشقان شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتەك جاسارەت، ئالدىدا مېڭىشتەك غەيرەت-شىجائەت، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك غەيرەت بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش، ماس، يېشىل، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئالدىدا ماڭغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق قېرىنداشلىرى تەقدىرداش قان قېرىنداشلار، بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىزنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان مۇھىم سىياسەت فاڭجېنىمىز ئېنىق، ئىزچىل بولۇپ، تەيۋەننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەن خىزمىتىدىكى يول، سىياسەت ۋە نىشان جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
تەيۋەنلىك ۋەكىل ئەزالار شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى