باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

ۋەكىل، ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرىلەشتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئون جۈملە

2016.03.07 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا بەي چۇڭئېن:

  قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشتا كېمەيتىش بىلەن ئېشىشنى ياخشى تەڭشەش ھەممىدىن مۇھىم، بارلىق كەسىپ ۋە كارخانىلارنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ يۆلىمەستىن، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن يەر، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق بايلىقلارنى ئىگىلىۋالغان «ئۆلۈك كارخانا»لارنى چېكىندۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك كارخانىلار تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەمىنلەش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات مۇرەككەپ، سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، مەلۇم بىر تۈر ياكى بىر قانچە سىياسەت بىلەن بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قوزغىتىپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شاڭخەي شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شاۋ جىچىڭ:

  كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى تىركىشىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. ھازىر قوش ماتور يەنى كونا-يېڭى ماتورنىڭ ھەممىسى رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. كەلگۈسىدە يېڭى ماتور چوقۇم كونا ماتورنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى يادرو.

  ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، بىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ماتورىمىز ئەمگەك كۈچى، يەر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئامىللار بولدى. ھازىر يېڭى تېخنىكا، يېڭى بايلىق قاتارلىق يېڭى ئامىللاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق ئامىل بولسىمۇ لېكىن ئۇلار قاتتىق ئەمەلىي كۈچ.

  مەسىلەن سانلىق مەلۇمات، ئالاقە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش تۈرىدىكى يېڭى ئامىللار يېڭى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن يېڭى كەسىپلەر مەيدانغا كەلدى. يېڭى ئامىل ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى توختىماي بارلىققا كەلدى. جۇڭگو ئىقتىسادنى تەڭشەش باسقۇچىدا چوقۇم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. لېكىن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئامىل، يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇرۇلما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بارلىق «يېڭى»لار بىزگە يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر