باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشلىك تور بەت تەرجىمە يۇمتالى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى

2016.03.07 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە بەلباغلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى يېقىندا خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشلىك تور بەت تەرجىمە يۇمتالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى. (ھەقسىز چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp)

  بۇ يۇمتال جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسى ئاساسىدا، شياۋنيۇ تەرجىمە ماتورى (NiuTrans) ۋە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئابونىچىسى بار سوۋگوۋ توركەزگۈچ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ، سوۋگوۋ توركەزگۈچىدە خالىغان بىر خەنزۇچە تور بەتنى ئېچىپ، ئوڭ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «翻译» (تەرجىمە) كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، 5~3 سېكونت ئىچىدە شۇ تور بەتنى ئۇيغۇرچىغا تولۇق تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە تور بەتنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغىلىمۇ بولىدۇ.

  مەزكۇر يۇمتالنى رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىپ، ئابونىچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق. ئۇيغۇر ئابونىچىلار: بۇ يۇمتالنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، خەنزۇچە بىلمەسلىك، تىل ئۇقماسلىق چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، خەنزۇچە تور بەتلەرنى بىمالال كۆرەلەيدىغان، دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرگە ئائىت نۇرغۇن خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى ئوبدان چۈشىنەلەيدىغان بولدۇق، ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىشىمىزمۇ كۆپ قولايلىشىپ كەتتى، دېيىشتى. باشقا مىللەت ئابونىچىلىرى: بۇ يۇمتالنى قاچىلىۋالساق، خالىغان تور بېكەتنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ كۆرۈپ، شىنجاڭنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىكەنمىز. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ تارقىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق كاتتا ئىش بوپتۇ، دەپ يۇقىرى باھا بەردى.( جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر