باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 66 - قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى

2016.03.06 13:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 - مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 66 - قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 - مارت چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى، قارالما دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

  4 - مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، ئالدى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېنزونىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىسىملىك دەسلەپكى لايىھەسىنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنى سايلىمىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى نامزاتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - يىغىنى سايلىمىغا سۇنۇلدى.

  يىغىندا ۋاڭ چېنزونىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قارالما دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، قارالما دەسلەپكى لايىھەسىنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئىسىملىكىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر