باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كادىرلار مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2016.03.05 11:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلاندى، يەنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت باشلاندى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 5-مارت باشلىنىدۇ. ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى قانداق قوللىنىش، مائارىپ، ئەدلىيە، مۇھىت ئاسراش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى ھەل قىلىش-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىسار ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما قىزغىن مۇزاكىرە قىلغان خەلق تۇرمۇشى تېمىسىغا ئايلاندى، كۆپچىلىك مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

  جاڭ شىپىڭ-جىمىسار ناھىيەسى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، ئەر-ئايال ئىككىيلەن مېيىپ بولغانلىقتىن، تۇرمۇشى قىيىن ئىدى. لېكىن قەتئىي ئىرادىگە تولغان جاڭ شىپىڭ مەھەللىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا بىر لاتا خەي دۇكىنى ئېچىپ، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ جاپاسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا ئاجىز ئاممىنى ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. ئۇ يەنە بىز ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن مېيىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا خېلى جىق جاپا تارتتۇق، بىز ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ئوخشاش مېيىپلارنى مەبلەغ بىلەن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، يۆلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىزگە ئوخشاش ئاجىز ئاممىغا كۆپرەك ئېتىبار بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

  لوجۈەن-جىمىسار ناھىيەلىك ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، كەسپىي مائارىپ-يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم سەھنىسى. ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە ئىشلىگەن لوجۈەننىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى-كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كەسپىي مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش، مەكتەپنى ئۆلچەملىك سېلىش، ئەمەلىي ئىگىلىك تىكلەش بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان سېلىنمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش؛ بىزنىڭ بوشاشماي تېرىشىپ ئىشلىشىمىز ئارقىلىق، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەشىق بىلەن كارخانا ئىشلەپچىقىرىش 1-سېپىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر